تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى 1-قىسىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 1382|ئىنكاس: 1

59

تېما

1071

بايلىق

1266

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1266
QQ
   خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى 1-قىسىم                            
ھېكايە دائىم مۇشۇنداق باشلىنىدۇ ..
كامىرنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئولتۇرغان بۇ يىگىت ئوتكەن ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدى
تولۇق ئوتتۇرا پۈتۇشكە ئاز قالدى ، ھەممىڭلار ياخشى كىتاب كۆرۈڭلار – دېدى سىنىپ مەسئۇلى قاتتىق تەلەپپۇزدا…
سىنىپ تىنجىپ ھەممە كىتاب كۆرۇشكە باشلىدى ..
ئېليار ، مۇئەللىم ئەتىگەن ئېرى بىلەن ئۇرۇشقان ئوخشايدۇ ..- دېدىم مەن بوشقىنە قىلىپ .
نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ، چاق-چاقنى ئاز قىلىپ ياخشى كىتاب كۆر ، ئىمتاھاندىن ئۆلمىسەڭ كېيىن مەدىكار ئىشلەپ قالىسەن ، ئەرپات مېنىڭ گېپىمگە كىرسەڭ زىيان تارتمايسەن …-دېدى ئېليار نەسىھەت ئارىلاش ، بېشىنى كىتاپتىن ئۇزمەي تۇرۇپ..
ۋاي ۋاي … ئەرپات ئەمەس ، ئەرافات دېگىنە ،- دېدىم ئىسمىمنى مەتولاشتۇرۇپ چاقىرغىنىغا ئاچىقلاپ.
ھە ھە ، ئەرەفاتجان ، بولدىمۇ ، ۋۇ ساراڭ ، ساڭا دېسەم سەن تورغا ئاز چىق ،، ئاشۇ تورغا چىقىپ مۇشۇنداق ساراڭ بوپ قالدىڭ . ۋۇ تور سارىڭى.-دېدى ئېليار مېنى تەنبىھلەپ .
ھە ، ھە ، ھە ، – دېدىم سائەتكە قارىغاچ … ، دېمسىمۇ بۇنىڭ بىلەن گەپ تالاشساممۇ تەڭ كىلەلمەيمەن ، چۇنكى ئۇ كىتاپ ئوقۇيدۇ ئەمەسمۇ ،
دەرىس قوڭغىرىقى چېلىندى ، مىڭ تەستە ۋاقىت توشقىنىغا خوش بولۇپ .. ئاستا دەرس جەدۋېلى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم … 3- سائەت «ماتېماتىكا»… كاللام پاتىلاپ كەتكىلى تاسلا قالدى ..كۆز ئالدىمغا رەت-رەت يېزىلغان فورمۇلا ، سان – سىفىرلار كېلىشقا باشلىدى … ئىش چاتاق …! قېچىش كېرەك … ئويلاپ تاپقان ئەقلىم ئالاھىدە بولمىسىمۇ ، كۆڭلۇم ۋاللىدە يۇرۇپ كەتتى ، ئەلۋەتتە قېچىش دەرىس ئاڭلىغاندىن ياخشىدە…قانداق قېچىش پىلانى تۈزۈشكە باشلىدىم …
سىنىپىمىزنىڭ دوسكا تەرەپكە بىر كىچىك ئۇستەل قويۇلغان بولۇپ ، مۇئەللىمنىڭ قىزىل رەڭلىك سىياھ ، رەڭ ، ۋە باشقا سىنىپنىڭ تاپشۇرۇقلىرى قويۇپ قويۇلغان ئىدى …
يانچۇقۇمنى تازلىق قەغىزى بار ئىكەن ،مۇشۇ قەغەز مېنىڭ دەرستىن ئوڭۇشلۇق قېچىشىمغا يېتەتتى … ئاستا بېرىپ قىزىل رەڭلىك سىياھنىڭ رېڭىنى چىقىرىپ قولۇمدىكى قەغەزگە ئىچۈرۈشكە باشلىدىم …
بۇ ئىشلارغۇ جايىدا بولدى ، لېكىن .. مەكتەپتىن چىقىپ تورخانىلارغا كىرگۇدەك يانچۇقۇمدا پۇل يوق …
ئېليار -دېدىم ئاستا يېنىمدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان كىتاب خالتىسىنىڭ بېقىنىغا بوشقىنە نۇقۇپ …
ھە نېمە ، بىردەم جىم ئولتۇرمايدىكەنسەن ، -دېدى قاپاقلىرىنى تۇرۇپ ئۇ .
ئادەم شۇنچىلىك تېز ئۆزگىرىدىكەن ، ئېليار يېڭى تۇنۇشقان ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن بىللا مەكتەپتىن قاچاتتۇق ، مۇئەللىم بىلەن ئۇرىشاتتۇق ،تاپشۇرۇقمۇ ئىشلىمەيتۇق ، سىنىپ تازلىقىنىغۇ ئەسلا قىلىپ باقمىغان ئىدۇق ، كېيىن نېمە ئىش بولدى بىلمەيلا قالدىن ، بىر ئۇيۇن قېپى بالىدىن ، تىرىشىپ ئۆگۇنۇپ سىنىپ بويىنچە ئالدىقى بەشنىڭ قاتارىغا كىرگەن ئىدى ، بەلكىم ئۇنىڭ پارتىدىشى نۇربىيە بۇ ئىشلارغا سەۋەبچى بولغاندۇ ، لېكىن  ئۇنىڭدىن پەخىرلىنەتتىم ، شۇ سەۋەپتىن ئۆزۇم يالغۇز ئويناشقا مەجبور بولدۇم ، كېيىن تورخانىغا كىرىشنى ئۆگۇنىۋالدىم ،
ئېليار 20 يۈەن پۇل بېرىپ تۇرە ، ئۇچ كۇن ئىچىدە بېرىۋېتىمەن ، ئەگەر ئۇچ كۇن ئىچىدە بېرەلمىسەم ، ئۆتۇپ كەتكەن ھەر بىر كۇن ئۈچۈن 5 يۈەن قوشۇپ تاپشۇراي … -قانداق بولامدۇ ، دەپ سوئال نەزىرىدە قاراپ قويدۇم ئۇنىڭغا .
ئادەتتە باشقا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمىسەممۇ ، قەرز قايتۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلەتتىم ، شۇڭا ئۇ ھېچ ئىپادىسىزلا ماقۇل دېدى
دەرىس قوڭغىرىقى چېلىندى …
40 ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قېلىپ ،تېخى قېرىغىنىغا تەن بەرمىگەن بۇ مودا مۇئەللىم قىلۋالغان گىرىمىدەكلا سۈرلۈك كۆرىنەتتى ،
ھەممىڭلار دەرىسلىك كىتاپنىڭ 30 -بېتىنى ئېچىڭلار سىناق ئالىمەن .. – دېدى بۇ ياسانچۇق مۇئەللىم زەردە بىلەن ..
سىناق ..ئاھ..سىناق … بۇ گەپ نىمانچە قورقۇنۇشلۇق ھە ، بۇ سىناق ئەمەس ، قىيناش ، تىللاش ، تەنبىھ بېرىشنىڭ ، يەنە دەرىس توشقىچە ئۆرە تۇرۇشنىڭ كېلىش مەنبەسى ئىدى..
ئاستا تەييارلىق قىلدىم ، ھېلىقى قەغەزنى بۇرنۇمنىڭ ئوڭ تۆشۈكىگە تىقىپ ، سول قۇلۇمنى ئېگىز كۆتۇرۇپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم ..
ئەرفات ، نېم بولدى ، ئولتۇرۇۋالساڭ بولامىكى – دېدى مۇئەللىم ئوقۇغۇچىلار يوقلىمىسىغا قاراپ …
شۇئان ، شۇنداق قىينالغان ھالەتتە بۇرنۇمدىكى ھېلىقى « قان » ئارىلاش قەغەزنى مۇئەللىمگە كۆرسەتتىم …
مۇئەللىم خۇددى قان كۆرۈپ باقمىغاندەك ، تەمتىرەش ئارىلاش باش بارمىقى بىلەن سىرتنى ئىشارەت قىلدى …
سىنىپتىن شۇنداق ئوڭۇشلۇق چىقىۋالدىم … ھەي بۇ قېرى مۇئەللىمنىڭ قاندىن قورقىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ، بۇنچە جاپا تارتمايتتىم .- دېدىم ئىچىمدە مەكتەپ يېنىدىكى تورخانىغا كىرىپ كەتكەچ
تورخانا ئەتىگەن تەرەپتە بولغاچقىمۇ ئادەم ئاز ئىدى ، دائىم ئولتۇردىغان 25 – نۇمۇرلۇق كومپىيوتۇرنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم … ئادەتتە تورخانىغا كىرسەم ئويۇن ئوينىمايتىم ، ئۆزۈم قىزىقىدىغان ئىشلارنى ئۆگىنىشكە باشلىدىم ، مەسىلەن رەسىم لاھىيلەش ، توربەت قۇرۇش ، ھەم توربەت بىخەتەرلىكىنى ئۆستۇرۇش دېگەندەك ، ئەگەر مەن قىزىقىپ ئۆگەنگەن ئىشلىرىم مېنىڭ بېشىمغا بالا بولىشىنى بىلگەن بولغان بولسام ،دەرستىن قاچماس بولغىتىم ، دەرستىن قېچىش پىلانىنىمۇ تۈزىمىگەن بولاتتىم ، …ھەي لېكىن بۇنى كىم بىلسۇن دەيسىلەر ،،، بۇرۇنقىدەك كۆرگەن دەرىسلىكنىڭ ئاخىرنى كۆرۇشكە باشلىدىم ، بۇ دەرس جۇڭگو قىزىل خاككېر بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى قارار ھەقسىز ئىشلىگەن توربەت يوچۇق تەكشۇرۇش دەرىسى بولۇپ ، ئاساسەن ، توربەت ئارقا باشقۇرۇش سۇپىسى ، چىقىرىش يوچۇقى ، مۇلازىمىتېر يۇچۇقى ، ھەم ھەممىگە قادىر مەخپى نۇمۇر ئارقىلىق بۇزۇشنى كۆرسىتەتتى … تور دۇنياسىغا خۇمار بولغان بۇ بىر يىل ئىچىدە بۇنداق كىچىك تېخنىكىلاردىن خېلە جىق ئۆگىنۋالغان ھەم ئېپى كەلسە ئانچە مۇنچە بەت سىستېمىلىرىنى چۈشۈرۇپ پۇل تېپىپ خەجلەيتىم ….
يوچۇق تەكشۇرۇش دەرىسنىڭ 12- قىسىمىنى كۆرۈپ ئولتۇرغىنىمدا تورخانىدە ئادەم جىقلاشقا باشلىدى ، ھەممىسى دېگەندەك بىزنىڭ مەكتەپتىن چىققان ئويۇنخۇمارلار ئىدى ، سائەتكە قارىسام دەرستىن چۇشۇپ چۇشلۇك تاماق يەيدىغان ۋاقىت بولۇپ قاپتۇ ، تاماقنى كۆپۇنچى ۋاقىتلاردا ئاشخانىلاردىن تاماق يەيتىم ، تورخانىدىن چىقىپ كېتىشنى ئويلاپ ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ بەدەنلىرىمنىڭ ئاغرىقىنى بوشۇتۇپ ئۈچۈن بىلەكلىرىمنى ئىككى تەرەپكە سىلكىپ قويدۇم ، ئىشىك تەرەپكە قاراپ مېڭىشنى ئويلىدىميۇ ، لېكىن تۇرۇپ قالدىم ، بىر قىزچاق ، بۇدەل مېنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتكەن قىز ، ئانامدىن قالسىلا بۇدۇنيادا مەن ھۆرمەتلەيدىغان قىز ، ئۇ ئۇدۇل مېڭىپ مېنىڭ قارشى تەرىپىمدە ئولتۇردىيۇ ، بىر نەرسە ئىزدىگەندەك كومپيوتېرنىڭ ئەتراپلىرىغا قاراشقا باشلىدى ، ..
ئىچىمدە كۈلدۈم ، …مېنىڭچە بۇ قىز كومپيۇتېرنى قوزغۇتىشنى ئۇقمىغان ئىدى..
ئايلىنىپ بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم .
– ياردىمىم كېرەكمۇ قانداق .؟
– ھە ،يا ، شۇ كومپىيپتۇرنى ئاچالمىدىم ،
كومپىيوتۇنى قوزغۇتۇپ ، قىزنىڭ قولىدىكى قەغەزنى ئالدىم ، ھەم نۇمۇرنى بېسىپ كومپىيوتۇرنى ئېچىپ بەردىم .
– قانداق نېمىش قىلماقچى ئىدىڭىز ، – دېدىن مەن قىزغا بىرەر نەرسە قويۇپ بېرەيمۇ دېگەندەك قىلىپ
– ھە ، ھە بولدى رەھمەت ،
مۇشۇ قىز ، كومپيۇتېرنى قوزغۇتۇشنى ئۇقمايدىغان قىز ، كېيىن مېنىڭ ھالال جۇپتۇم ، بالامنىڭ ئانىسى بولىشى ،مېنىڭ قىساسىمنى ئېلىشىنى، ھەم مېنى دەپ ئۆمۇرلۇك بەختىنى نابۇت قىلدىغانلىقىنى ئويلىسام بەلكىم ھازىم ، مۇشۇ قىز ئىشىكتىن كىرگەندە .. كۆرمىگەنگە سېلىپ چىقىپ كېتەر بولغۇيتۇم .. لېكىن بەندە بۇنىڭغا ئاجىز سىزمۇ ، مەنمۇ ، ئۇمۇ …
ھەرقانداق بىر پادىشاھ ، زۇڭتۇڭ ، رەئىس..لەرنىڭ ھەممىسى مۇھەببەت دەردىنى تارتقان …. ئەگەر ئادەمدە مۇھەببەت بولمىغان بولسا ھازىرقىدىنمۇ رەھىمسىزلىشىپ كېتەتتى ….
خىياللىرىمدىن ئاستا سىلكىنىپ چىقىپ تۇرمە دېرىزىسىنىڭ تۇمۇر تۇتقۇچىنى قويۇپ بېرىشنى ئويلىدىم ، 12- ئاي بولغاچقا قولۇم ئاللىبۇرۇن بۇ نىجىز تۇمۇر تەرىپدىن چىڭ تۇتۇپ قېلىنغان ئىدى ….
1- قىسىم تۇگىدى
______________________•_______________________


0

تېما

8

بايلىق

12

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
12
ۋاقتى: 2019-1-25 11:42:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
19نىڭ ئاخىرى بارمۇ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم