تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

مەن سېنى سۆيەتتىم سۆيەتتىم قەۋەت ; ئايتېكىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 660|ئىنكاس: 1

22

تېما

344

بايلىق

431

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
431
QQ

مەن سېنى  سۆيەتتىم سۆيەتتىم  قەۋەت

ئايتېكىن



مەن نېچۈن  كۈتىمەن نېچۈن  كۈتىمەن؟

كەلمەيدىغىنىڭ  ئېنىقلا تۇرسا.

يىكەن گۈلىدەك  توزىدى ئارمان،

ئۈمىدسىز يوللاردا  قىش ھۇۋلىغاندا.

ئېچىلغۇم بار  ئىدى سېنىڭدە  بىر رەت،

مۇنبەت بىر تۇپراقتىڭ، مۇنبەتتىڭ  قەۋەت.



سارغۇچ ئاپتاپقا تۇرار قاقلىنىپ،

ياپرىقى چۈشكەن يالىڭاچ خىيال.

لېۋىدە قېپقالغان ھارارىتىڭدە،

ئۆزىنى بەزلەشكە بار قانداق ئامال؟

مەست بولغۇم بار ئىدى سېنىڭدە  بىر رەت،

ئىچمەيمۇ مەست بولغان ئىدىم نەچچە رەت.



چېقىلغان كۆڭلۈمنى  تاش تەرمەك قىلىپ،

ئوينايدۇ خىرامان  رەڭسىز تەقدىرىم.

مۇمكىنسىز ھىجراننىڭ  شاۋقۇنلىرىدا،

لەڭ ئۇرار ئەلەمدىن سۆكۈلگەن قەدرىم.

باغرىڭدا كۈل بولغۇم بار ئىدى بىررەت،

چۈنكى

مەن سېنى  سۆيەتتىم سۆيەتتىم  قەۋەت.



2018 - يىلى11- ئاينىڭ  23 - كۈنى







ئابدۇراخمان

0

تېما

6

بايلىق

8

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
8
ۋاقتى: 2019-4-15 01:41:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم