تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

ئۇ ھازىرمۇ مېنىڭ دوستۇم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 527|ئىنكاس: 3

10

تېما

50

بايلىق

64

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
64
ۋاقتى: 2019-5-1 13:42:38 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

(بۇ ھىكايە شەخسنىڭ قىزىقىشى بىلەن تارقىتىلدى  ئاپتۇرى  نامەلۇم)
‏بىر ۋاقىتلار ناھايىتى باي بولغان سەزگىن بىلەن نامرات پەرھات بەكمۇ يېقىن دوستلاردىن ئىكەن. ھەقىقەتەن جاندوستلاردىن دېيىشكە بۇلىدىكەن. بىر كۈنى سەزگىن پەرھاتقا «مېنىڭ ئۈچۈن جېنىڭنى بىرەلەمسەن؟» دېدى. پەرھات ھىچ ئويلانماستىن «خوشاللىق بىلەن بىرىمەن» دېدى. بۇ سۆھبەتتىن كېيىن سەزگىن پەرھاتقا «توي قىلماقچى بولغان قىزىڭنى ماڭا ئۆتۈنۈپ بەرسەڭ» دېدى. پەرھات قىز بىلەن ئايرىلىپ دوستى سەزگىن بىلەن تۇيىنى قىلىپ قويدى.          بىرقانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن پەرھاتنىڭ تەلىيى قېچىپ ئىشتىن بوشۇتۇلدى. ئىشسىز قالغان پەرھاتنىڭ ئەقلىگە دوستى سەزگىن كەلدى ۋە «مېنى فاپرىكىسىغا ئىشقا ئالىدىغۇ» دەپ ئويلىدى. ئەمما ئىشلار ئونىڭ ئويلىغىنىدەك بولمىدى. ئۇ دوستى بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىدا دوستى خىزمەتچىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ فاپرىكىدا يوق ئەكەنلىكىنى يەتكۈزدى. پەرھات بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن دوستى سەزگىندىن ئۆمۈدىنى ئۈزدى- دە دوسلىغىدىن ئايرىلىشنى قارار قىلدى.          پەرھات جان ئاچچىغىدا قانداق قىلىش كېرەكلىگىنى ئويلانغاچ كېتىۋاتقىنىدا يولدا ئۆلۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرغان بىر ئادەمنى ئۇچراتتى ۋە دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. كېيىن تەلىيىگە ئۇ ئادەم ئۆلمەي ساقىيىپ قالدى ۋە پەرھاتنىڭ ياردىمىگە رەخمەت ئېيتىش ئۈچۈن بايلىقىنىڭ يېرىمىنى پەرھاتقا ئۆتۈنۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەمنىڭ بايلىغىنىڭ يېرىمىنى ئالغان پەرھات بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. بۇرۇن جان دوستى بولغان سەزگىننىڭ ھوزۇرىنىڭ دەل ئۇدۇلىدىن ئالاھىدە بىر ئۆي سېتىۋېلىپ ھاياتىنى داۋاملاشتۇردى. بىر كۈنى پەرھاتنىڭ ئىشىكىگە بىر ئايال كىلىپ پەرھاتتىن بىر چىشلەم نان تىلىدى. پەرھاتنىڭ بۇ ئايالغا ئىچى ئاغرىدى ۋە ئايالدىن: «مېنىڭ ئۈيۈمدە ئۆي خىزمەتچىم بولۇپ ئىشلەمسىز» دېدى. ئايال خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى. كۈنلەرنىڭ كەينىدىن كۈنلەر ئۆتۈشكە باشلىدى. پەرھات بىلەن خىزمەتچى ئايال ئانا- بالىدەك بولۇپ كېتىشتى. بىر كۈنى ئايال پەرھاتتىن سەمىمىيلىك بىلەن، توي قىلىدىغان قىزىنىڭ بار- يوقلىغىنى سورىدى. پەرھات «يوق» دىگەندىن كېيىن ئايال ، تۇنۇيدىغان بىر قىزنىڭ بارلىغىنى، ئەگەر پەرھات خالىسا ئۇ قىز بىلەن تۇنۇشتۇرۇپ قويۇش نىيىتىنىڭ بارلىغىنى ئېيتتى. پەرھات ئۇ ئايالنىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئويلاپ ماقۇل بولدى. پارھات بىلەن قىز تۇنۇشقاندىن كېيىن بىر- بىرىنى ياخشى كۆرۈشۈپ توي قىلىشقا پۈتۈشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇدۇل خوشنىسىدىن باشقا بارلىق يېقىنلىرىغا خەۋەر قىلىشتى. ئەمما كېيىن پەرھات چىدىماي ئۇدۇل خوشنىسىغىمۇ خەۋەر قىلدى. توي كۈنىمۇ يېتىپ كەلدى. پەرھاتنىڭ ئايالى بىلەن ئۇسۇل ئويناۋېتىپ كونا جان دوستىغا كۆزى چۈشۈپ قالدى. ئاخىرى چىدىماي مىكروپۇننى قولىغا ئېلىپ شۇنداق دېدى: «بىر زامانلار بىر جان دوستۇم بار ئىدى. بىر كۈنى مەندىن مەن توي قىلماقچى بولغان قىزنى تەلەپ قىلدى ئۆتۈنۈپ بەردىم. ئەمما مەن ئۇنىڭ فاپرىكىسىدا ئىشلەشنى تەلەپ قىلغىنىمدا خىزمەتچىسىنى چىقىرىپ ئۆزىنى يوق دېگۈزدى. ئۇ ئەمدى مېنىڭ جان دوستۇم ئەمەس» دېدى. سەزگىنمۇ بۇ سۆزلەرگە چىدىماي مىكروپۇننى قولىغا ئالدى ۋە شۇنداق دېدى: «بىر ۋاقىتلار مېنىڭ بىر جان دوستۇم بار ئىدى. ئۇ توي قىلماقچى بولغان قىز بۇزۇلغان ئىدى. مەن ئۇنىڭدىن ئۇ توي قىلماقچى بولغان قىزنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ساقلاپ قالدىم. مىنىڭ فاپرىكامدا ئىشلىسەم دەپ كەلگەن ۋاقىتتا دوستۇمنىڭ مېنىڭ قولۇمدا بىر ئىشچى بولۇپ قېلىشىنى خالىمىغاچقا ئۈزەمنى يوق دىگۈزدۈم. دادامنى ئاغرىق قىلىپ كۆرسۈتۈپ، يولدا ياتقۇزۇپ بايلىغىمنىڭ يېرىمىنى ئونىڭغا بەردىم. ئاپامنى ئونىڭ ئىشىگىگە تىلەمچى قىلىپ ئېۋەتتىم. سىڭلىم بىلەن تۇنۇشتۇردۇم. ئۇ ھازىر توي قىلىۋاتقان قىز مېنىڭ سىڭلىم بولىدۇ. ئۇ ھازىرمۇ مېنىڭ جان دوستۇم» دېدى  




ئەسەريوللىغۇچى
QQ : 1539158926

بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

10

تېما

50

بايلىق

64

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
64
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2019-5-1 13:43:23 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىلەر ئەزىزلەر !

59

تېما

1071

بايلىق

1266

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1266
QQ
ۋاقتى: 2019-5-1 23:04:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ تىرىشىڭ دوستۇم

8

تېما

60

بايلىق

75

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
75
ۋاقتى: 2019-5-7 00:17:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنىڭ ئايغى يۇقما بەك ياخشى چىقىپتۇ دوستۇم تىخىمۇ تىرىشڭ

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم