تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

ئەزىز سوفىت يۇمشاق دىتال ئىچش سۇپسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 422|ئىنكاس: 1

59

تېما

1071

بايلىق

1266

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1266
QQ
ۋاقتى: 2019-5-11 18:04:55 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ەزىز سوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش سۇپىسى
ئەزىز  AZEZSOFT  昨天
ئەزىز سوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش سۇپىسى شېنجىن ئەزىز سوفت يۇمشاق دېتال ئېچىش ئىشخانىسى نامىدىن ئەنگە ئېلىنغان يۇمشاق دېتال ئېچىشنى ئاساسىي نىشان قىلغان، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ بىر تەرەپتىن ئەمەلىي تۈر ئىشلەيدىغان ئۇنىۋېرسال سۇپا .

سۇپىمىز 2018-يىلى1-ئاينىڭ16-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلۇپ بىريىللىن بۇيان نۇرغۇنلىغان مۇۋەپپىقىيەتلەرنى كۈتۈۋالدۇق. بىز يۇمشاق دېتال ئېچىش، ئۆزگەرتىپ ئېچىش، يۇمشاق دېتال تەتقىقاتى ۋە تەكشىلىك لايىھە، ئاۋاز ئۈنۈمى، تەرجىمانلىق، كىنو-فىلىم، مۇزىكا ئىجادىيىتى، بۇلۇت ھېسابلاش(چوڭ سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش) نى ئاساس قىلغان بىر قاتار تۈزۈلمىلەرگە بۆلۈنۈپ نۇرغۇنلىغان دەرسلىك ۋە ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە سۇندۇق ۋە داۋاملىق ئۆگىنىۋاتىمىز. يېقىنقى بىر نەچچە مەزگىلدە سۇپىمىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن :

ئەزىز سوفت نامىدىكى "تىكەن" ۋە "ئاقار يۇلتۇز" خەت نۇسخىسى يېڭىدىن ھەقسىز تارقىتىلدى.



.ئويۇن لايىھەسىنى قايتا ئىشلەش جەھەتتە، قىزىل تېرۋوگا ئويۇنىنىڭ سەككىز پارچە خەرىتىسى (كۆرۈك، تەكلىماكان1, تەكلىمان 2 ، نېفىت جېڭى، قاتارلىق)

يەنە ، مائۇس ئىشلىتىشنى ئۇقۇپ كەتمەيدىغانلار ئۈچۈن ئۆزگەرتىلگەن زۇما ئۇيغۇرچە ئويۇنى ۋە زۇما ئادەتتىكى ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈز تەرجىمە ئويۇنىنى قايتا ئۆزگەرتىپ چىقتى.





سۇپىمىز يەنە خەلقىمىزنىڭ كومپيوتېر ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئۈچۈن مەخسۇس دەرسخانا ئاجرىتىپ : كومپيوتېر نۆل سەۋىيەدەرسى ، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دەرسى ، تەكشىلىك لايىھە دەرسى، تور بەت لايىھە دەرسى ، قاتارلىق دەرسلىكلەرنى ئىشلەپ ھەقسىز تارقاتتۇق.



مۇزىكا ئۈنۈمى جەھەتتە : ئاۋاز بېرىش، رىياسەتچىلىك، ئاۋازلىق ئەسەر ئىشلەش، مۇزىكا ئىشلەش، ئاۋاز كىرىشتۈرۈش، مۇزىكا كىرىشتۈرۈش قاتارلىق لايىھەلەرنى ئىشلەۋاتىمىز ۋە ئۆگنىۋاتىمىز.

سۇپىمىز ئەزالىرىنى تەربىيىلەش جەھەتتە : ھەپتىدە ئىككى قىتىم ئۈلگىلىك ئاكتىپ ئېنىرگىيە ۋە رېئال نەتىجىلەر ئارقىلىق ئەزالارنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئارقىدا قالغان ئەزالارغا ئۈلگە كۆرسىتىپ كېلىۋاتىمىز.  يەنە ھەر بىر ئەزاغا ئۆزى تەرەققىيات يۆنىلىشنى ۋە نىشانىنى بەلگىلەپ، شۇ نىشانىغا يېتىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرسلىك، بىردىن يىتەكچى بەلگىلەپ يىتەكچى ۋە يىتەكلەنگۈچىلەرنىڭ ئۆز ئارا ئۆگىنىشىنى ئىشقا ئاشۇردۇق. ھازىرغىچە سۇپىمىزغا قوشۇلغان ئەزا 39 نەپەر، سۇپىمىزدىن نارازى بولغان ئەزا 2 نەپەر. ئۆزلۈكىدىن ۋاز كېچىپ چېكىنگەن ئەزا 3 نەپەر. لىكىن، ئىشىنىمىزكى بىز بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمايمىز، ئەلۋەتتە مۇۋەپپىقىيەتكە يېتىشتە تالاي مۈشكۈلاتلارغا ئۇچرىشىمىز ئېنىق، لىكىن ۋاز كېچىپ باقمىدۇق ھەم ۋاز كەچمەيمىز.

سۇپىمىزنىڭ شوئارى: كىرىش بار، چىقىش يوق، ئۆگىنىش بار، ۋايساش، ۋاز كېچىش يوق.

بىر ئۆمۈر ئاز كېلەركەن ئۆگەنگەنگە،

بىر سىكۇنت ئەسر ئازاپ ئۆتكۈزگەنگە.




1

تېما

27

بايلىق

31

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
31
ۋاقتى: 2019-5-15 20:32:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پىرىمىر ئۈگەنسەم بولاتتى
مەكتەپتە ئوقۇپ بىكا بولوپ بولالمىدىم دەرسلىك  نەخ مەيدان دەرسلىكىمۇ ياكى قايتا كۆرگىلى بولامدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم