تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

نامراتلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 438|ئىنكاس: 1

22

تېما

344

بايلىق

431

جۇغلانما

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

جۇغلانما
431
QQ


   بىر ئاچچىق تەڭقىسلىقنىڭ ئىزاسىنى تارتمىغۇچە بىر غەيرەت كەمىرىنى بەلگە باغلىغىلى بولمايدىكەن.
شۇ كۈنى پەقەت ساڭا خوش دەپ قويۇش ئۈچۈنلا مەكتەپتىن چىققانىدىم.  تېلىفون قىلىپ ئاللىبۇرۇن ۋوگزالغا بېرىپ بولغىنىڭنى بېلىپ لاسسىدە بولۇپ قالدىم.

قولۇمدا ياتاقدىشىمدىن قەرز ئالغان 20 سوملا پۇل بار ئىدى.

ئويلىشىپ تۇرالمايتتىم. تاكسى توسۇدۇم.

- ۋوگزال !

كۆزۈم ھەق ھېسابلاش ماشنىسىدىن نېرى كېتەلمەيتتى.

19

19.5

20

- بولدى ئۇستام، مەن مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي .

   ماشنىدىن چۈشۈپ ۋوگزالغا قاراپ يۈگۈردۈم . ئۈلگۈرەلمەيدىغانلىقىمنى بىلەتتىم، ئىچى ئىچىمدىن يىغا تۇتۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇقىدىن قورقۇپ پىيازدەك قات قات كىيىنىۋالغان كىشىلەر پىلسىراتتىن ئۆتىۋاتقاندەك ئاۋايلاپ مېڭىۋاتقان كوچىدا مەن يۈگرەۋاتاتتىم. كىشىلەر ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىن ئوڭۇشلۇق قېچىپ چىققان بىمارغا قارىغاندەك قاراۋاتاتتى ماڭا. يۈگىرىىۋەردىم ....

قاچان توختىغانلىقىمنى بىلمەيمەن

لىكىن سەن ئاللىبۇرۇن كەتكەنىدىڭ

قولۇم قىسقىلىقىدىن قولۇڭنى تۇتۇپ خوش دېيىشكىمۇ يەتمىدى.

رەنجىدىڭ بەلكىم، تېلىفوندا بولسىمۇ خوش دەپ قويمىدىڭ دەپ...

لىكىن بىلمەيسەن

ئادەم قانچىلىك قالتىس بولسىمۇ ياخشى كۆرىدىغان ئادىمنىڭ ئالدىدا ھاجەتمەن بولىدىكەن

مەن شۇ قالتىسلىقنىمۇ ھازىرلىيالمىغان ئاشۇ چېغىمدا ئالدىڭدا قانچىلىك ھاجەتمەن،ئامالسىز ئىكەنلىكىمنى بىلمەيسەن.

چىرايلىق خوشلىشىش سوۋغىتى ئېلىپ تاكسى بىلەن ئالدىڭغا بېرىپ خوشلىشىۋالغان بولسام دۇنيا قانچە گۈزەل بولغان  بولار ئىدى ؟


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
ئابدۇراخمان

58

تېما

1063

بايلىق

1257

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1257
QQ
ۋاقتى: 2019-5-22 14:27:22 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ تىرىشىڭ دوستۇم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم