تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

يانفوننىڭ NFC ئىقتىدارى ھەم بەش چوڭ ئىشلىتىش رولى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 370|ئىنكاس: 0

58

تېما

1063

بايلىق

1257

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1257
QQ
ۋاقتى: 2019-5-23 00:51:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
NFCدىگەن سۆز NFC  Field communication نىڭ قىسقارتىپ يىزىلىشى ، قىسقا ئارلىقتا سىمسىز ئالاقىلىشىش تېخنىكىسى دىگەن مەنىدە. NFC ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ بارلىققا كېلىشى ئالاقە تورى ساھەسىگە نىسبەتەن بىر خىل ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ.  ھازىر بىز يېڭى يانفون سېتىۋالغاندا بەزى يانفونلارنىڭ سەپلىمە تونۇشتۇرۇشىدا NFC ئىقتىدارى بارلىقىنى كۆرەلەيمىز، چۈنكى NFC ئىقتىدارى يانفوننىڭ ئىستىمالچىلارنى جەلىپ قىلىدىغان بىر چوڭ يارقىن نۇقتىسى.  بىراق نۇرغۇن دوستلارنىڭ يانفوندىكى NFC نىڭ كونكرېت ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ، ئۇنداقتا يانفونلارنىڭ NFC ئىقتىدارى زادى قايسى ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇنى قانداق سورۇنلاردا ئىشلەتكىلى بولىدۇ؟  بىز بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى.

1-تەقلىدىي ئاپتۇبۇس كارتىسى / مېترو كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىش




NFC ئىشلىتىشنى بىلىدىغانلارغا نىسبەتەن، NFC نى تەقلىدىي ئاممىۋى قاتناش كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىش ئاساسىي مەشغۇلات ھېسابلىنىدۇ، ئادەتتە ھەرقايسى يانفونلارنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەميان «钱包» ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئىقتىدارلاردىن « ئاممىۋى قاتناش كارتىسى» ئىقتىدارىنى تاپقىلى بولىدۇ، « ئاممىۋى قاتناش كارتىسى» تاللاش بېتىدە ئۆزى تۇرۇشلۇق شەھەرنى قوللايدىغان ئاممىۋى قاتناش كارتىسىنى تېپىپ قىممەت تولۇقلاش مۇلازىمىتىنى ئاچسىلا بولىدۇ.  NFC ئاممىۋى قاتناش كارتىسى ئېچىلغاندىن كېيىن مېترو ياكى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندا بىۋاسىتە يانفون ئارقىلىق ھەق تۆلىگىلى بولىدۇ.  

2- ئاپتۇبۇس كارتىسى / مېترو كارتىسىغا پۇل قاچىلاش

ئاپتۇبۇس كارتىسىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلەتكىلى بولغاندىن سىرت يەنە NFC ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي ئاممىۋى قاتناش كارتىسىغا پۇل قاچىلاشقا بولىدۇ، NFC نى ئاچقاندىن كېيىن پەقەت ئاممىۋى قاتناش كارتىسىنى يانفوننىڭ NFC ئىندۇكسىيە رايونىغا چاپلىساقلا ئاممىۋى قاتناش كارتىسىنى سېزىپ قىممەت تولۇقلاش كۆرۈنمە يۈزى ئاپتوماتىك ئېچىلىدۇ.  ئەمما ھەممە ئاممىۋى قاتناش كارتىسى NFC ئارقىلىق قىممەت تۇلۇقلاشنى قوللىمايدۇ، شۇڭا يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە ئۆزىڭىزنىڭ كارتىسىنى ئوقۇيالايدىغان - ئوقۇيالمايدىغانلىقىنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ئوقۇيالمىسا ھازىرچە قوللىمىغان بولىدۇ.   

3-ئىشىك كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىش



تەقلىدىي ئىشىك كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىش NFC نىڭ مۇھىم نۇقتىسى، چۈنكى تەقلىدىي ئىشىك كارتىسى پەقەت ئولتۇراق رايون ئىشىكىگىلا ئىشلەپ قالماستىن شىركەت ئىشىك كارتىسى، ئائىلە ئىشىك كارتىسى قاتارلىقلار بىر تالاي كارتىلارنىڭ ئىشىنى قىلالايدۇ.  يانفۇننىڭ ئىشىك كارتىسىنى تەقلىد قىلىش ئىقتىدارى ئادەتتە يانفوننىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەميان « 钱包» دا بار، مەسىلەن خۇاۋىيدا «门钥匙»، شىياۋمىدا «门卡» دەپ چىقىدۇ. ئىقتىدارنى ئاچقاندىن كېيىن پەقەت كۆرسەتمە بويىچە مەشغۇلات قىلسىلا يانفوننى ئىشىك كارتىسىغا تەقلىد قىلىپ ئىشلىتىپ ئىشىكتىن كىرىپ-چىققاندا بىۋاسىتە يانفون ئارقىلىق ئاچقىلى بولىدۇ.  لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى NFCنى ھازىر پەقەت شىفىرلانمىغان ئىشىك كارتىسىغا تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ، شىفىرلاشتۇرۇلغان كارتىغا بىۋاسىتە تەقلىد قىلغىلى بولمايدۇ. ئەمما شياۋمىنىڭ«门卡» دا بىر پارچە ئاق كارتا قۇرغاندىن كېيىن ئولتۇراق رايون خوجىلىق بۆلۈمىگە كىرىپ بۇ ئاق كارتىغا سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش ئارقىلىقمۇ ئىشىك كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.  

4-بانكا كارتىسى ئورنىدا ئىشلىتىش ۋە كارتا ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش




بانكا كارتىسىنى باغلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق NFCنى تەقلىدىي بانكا كارتىسىغا ئۆزگەرتىپ كارتا سۈركەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.  گەرچە جىفۇباۋ بىلەن ئۈندىدار بەك قولايلىق بولسىمۇ لېكىن يەنە بەزى جايلاردا كارتا سۈركەش زرۈر بولىدۇ ئەمەسمۇ. بانكا كارتىسى قوشۇش مەشغۇلاتى ئىشىك كارتىسى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئوخشاشلا يانفوننىڭ ئۆزىدە بار بولغان«钱包» غا باغلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ، شياۋمى يانفونىنى مىسالغا ئالساق:

«小米钱包»

« 银行卡»

«添加 MiPay 银行卡»

ئارقىلىق بانكا كارتىسىغا باغلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ، باغلىغاندىن كېيىن يانفون بانكا كارتىسى ئورنىدا ئىشلەيدۇ.  بانكا كارتىسى ئۇچۇرىنى تەكشۈرۈش تېخىمۇ ئاسان، بانكا كارتىسىنى يانفوننىڭ كەينىگە چاپلاپ بانكا كارتىسىدىكى ئاساسىي ئۇچۇرلارنى ۋە بانكا كارتىسىدىكى سودا خاتىرىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.  

5-NFC ئۈسكۈنىسى بىلەن تېز سۈرئەتتە ئۇلاش، سانلىق مەلۇمات يوللاش  




NFC ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ھازىر نۇرغۇن زاۋۇتلار NFC تىڭشىغۇچ، NFC ياڭراتقۇلىرىنى چىقاردى، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا كۆك چىش ئۈسكۈنىسى ئۇلاپ جۈپلەشتۈرۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، چۈنكى NFC كۆكچىشقا قارىغاندا تېز ئۇلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا NFC دىن پايدىلىنىپ كۆك چىشقا  ئوخشاشلا سانلىق مەلۇمات يوللاشقا بولىدۇ، ئىككىلا يانفوننىڭ بىرلا ۋاقىتتا NFC ئىقتىدارىنى ئېچىپ « دۈمبىسىنى تەككۈزۈش» ئارقىلىقلا ھەر خىل ماتېرىياللارنى يوللىغىلى

ئەسكەرتىش
بۇيازممىننىمەشقۇم تورىنىڭ روخسەتسىز تارقىشغابولمايدۇخىلاپلىق قىلغۇچلاربۇلساتوربەتنىڭ بارلىقچىقملىرىنىتۇلىتدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم