تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

ئۇندىدىرانىڭ ھۆجەتلىرى يۇۋەتىشنىن ئەنسىرىمڭىزمۇ بۇلىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 0

58

تېما

1063

بايلىق

1257

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1257
QQ
ۋاقتى: 2019-5-23 01:24:43 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۈندىدار ئۇچۇر ئالاقە، چىقىم قىلىش قورالى بولۇشتىن باشقا يەنە رەسىم، ۋىدىئو، ھۆججەت ساقلايدىغان قورال بولۇپ قالدى. نۇرغۇن كىشىلەر ھۆججەت، جەدىۋەللەرنى ئۈندىداردىلا ئەۋەتىدۇ، كومپىيۇتېر بىلەن يانفون ئوتتۇرسىدا ھۆججەت يوللاشقىمۇ ئۈندىدارنى ئىشلىتىدۇ.

s_f8af89c8dee449188925cb2f89f80959.jpeg

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۈندىدارنى تازىلاش، قايتا قاچىلاش ۋە باشقا سەۋەبتىن ئۈندىداردا ساقلانغان مۇھىم ھۆججەتنى تاپقىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ سۆزلىشىش خاتىرىسى، رەسىم قاتارلىق مۇھىم ئىسپات ھۆججەتلىرى زۆرۈر بولغاندا تاپقىلى بولمايدۇ. تورداشلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە ياردەم سوراپ يازغان ئىنكاسلىرىمۇ كۆپ.
مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان بىر ياخشى ئەپ بار. بۇ مەسىلىنى پۈتۈنلەي ھەل قىلىدۇ. بۇ ئەپنى ئىشلەتسىڭىز يانفون يوقاپ كەتسىمۇ مۇھىم ھۆججەتلىرىڭىز يوقاپ كەتمەيدۇ.
ئەپ نامى: 腾讯文件
بۇ ئەپ تېڭشۈن ئىگە تەرەپتىن چىقارغان مەخسۇس ئۈندىدار، QQ دىكى ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇش قورالى، سىغىمى كىچىك، ئەمما ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك. ئۈندىدار، QQ دىكى ھۆججەت (ئىشخانا ھۆججەتلىرى، ئۈن، سىن، رەسىم، سۆزلىشىش خاتىرىسى، دوستلار چەمبىرىكىدىكى ئۈن، سىن، رەسىملەر) نى زاپاسلاش، بۇلۇت سۇپىسىغا زاپاسلاش، باشقۇرۇش، رەتلەش ئىقتىدارى بار.

S912c7691-a864-4706-ac37-4cfdc18b99d2.jpg

腾讯文件 ئەپنى قاچىلىغاندىن كېيىن  ئۈندىدار، QQ دا ساقلانغان بارلىق ھۆججەت، ئۈن-سىن، رەسىم، سۆزلىشىش خاتىرسنى تۈرگە ئايرىپ زاپاسلىۋالىدۇ. ئۈندىدار ياكى كىيۇكىيۇ ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملاتسىڭىز يۇقارقى ھۆججەتلىرىڭىزنى بۇلۇت سۇپىسىغا زاپاسلايدۇ. كېيىن ئۈندىدارنى تازىلاش ، ئۈندىدار ئېچىلماس بولۇپ قېلىش ھەتتا يانفون يۈتۈپ كېتىش سەۋەبىدىن زاپاسلىغان ھۆججەتلىرىڭىز لازىم بولغاندا باشقا يانفوندا 腾讯文件 نى ئېچىپ بۇرۇنقى ھېسابات نومۇرىدا كىرسىڭىز ھەممە ھۆججەتلىرىڭىزنى بۇلۇت سۇپىسىدىن تاپالايسىز.
بۇ ئەپكە تىزىملىتىپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك زاپاسلاشنى تەڭشەپ قويسىڭىز، ئۈندىدار، QQ دىكى ھۆججەتلىرىڭىزنى ئاپتوماتىك زاپاسلىۋالىدۇ. قولدا بىر بىرلەپ زاپاسلاشنىڭ ھاجىتى يوق.
زاپاسلاشتىن باشقا بۇ ئەپنىڭ يەنە ھۆججەتلەرنى باشقۇرۇش، ئۆچۈرۈش ئىقتىدارىمۇ بار. ئۈندىداردىكى، دوستلار چەمبىرىكىدىكى بارلىق ھۆججەتلەرنى تۈرى بويچە كۆرسىتىپ بەرگەچكە، كېرەكسىز ئۈن، سىن، رەسىملەرنى، توپتىكى سۆزلىشىش خاتىرسنى ئۆچۈرۋېتىشكە بولىدۇ. بۇنداقتا يانفونىڭ سىغىمى بىكار بولىدۇ.
腾讯文件 نىڭ نۆۋەتتە پەقەت ئاندرويد نۇسخىسىلا بار. ھەر قايسى ئەپ بازارلىرىدىن 腾讯文件  دەپ (tengxun wenjian) كىرگۈزۈپ چۈشۈرۋالساڭلار بولىدۇ . iOS نۇسخىسى يوق. ئۈندىدار كىچىك پروگراممىسى بار. ئالما ئىشلەتكۈچىلىرى ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش رامكىسىغا 腾讯文档小程序 دەپ كىرگۈزۈپ، مۇشۇ ئەپنىڭ ئۈندىدار كىچىك پروگراممىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ.

Sab8fb1a5-6048-4857-b823-6caee34e5722.jpg

كىچىك پروگراممىسنىڭ ئىقتىدارى ئەپتەك كۆپ ئەمەس، پەقەت Word、Powerpoint、Excel、Keynote、Gif  دېگەندەك ئىشخانا ھۆججەتلىرىنىلا قوللايدۇ. رەسىم، سىن ھۆججەتلىرىنى زاپاسلاشنى قوللىمايدۇ. بىر قېتىمدا بىرلا ھۆججەت زاپاسلاشقا بولىدۇ.

ئەلۋەتتە، ئەقىلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ھەممىسنىڭ ئۆزىنىڭ بۇلۇت زاپاسلاش ئىقتىدارى بار. تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن مۇھىم ھۆججەتلەرنى ئۆزىنىڭ بۇلۇت بوشلۇقىغا زاپاسلىۋالىدۇ. شۇنى قوزغىتىپ تەڭشەپ قويسىڭىز، يۇقارقى ئاۋارىچىلىقتىن ساقلىنالايسىز ھەم  يانفون ئالماشتۇرغانتىم، تېلفون دەپتىرى يوقاپ كەتتى... دېگەندەك تۆۋەن سەۋىيلىك پاراڭلارنى قىلىشتىن ساقلىنالايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم