تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى «3-قىسىم»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 718|ئىنكاس: 0

59

تېما

1071

بايلىق

1266

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1266
QQ
خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى «3-قىسىم»

بۇ سۇ كامىرى يالغۇز كىشىلىك بولۇپ ، لېكىن مەندىن باشقا يەنە بىرەيلەن بۇ كامىرنى ئىگىلەپ بولغان ئىدى ، ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، بۇ جانىۋار سۇدىن بېشىنى چىقىرىپ ماڭىلا قاراپ تۇراتتى ، بۇ يەردە بىردىنبىر سىردىشىم مۇشۇ سۇ چاشقىنى ئىدى ، لېكىن مەن نېمىشقا ئۇنىڭ بېشىنى سۇدىن چىقىرىپ ماڭىلا قاراپ تۇرىدىغىننى بىلمىدىم ، بەلكىم ئۇ بۇ كامىرنى ياخشى كۆرسە كېرەك ،يەنە بەلكىم مەن ئۇخلاپ قالغاندا گۆشۇمنى يېمەكچىدۇ … ئىچىمدە كۇلدۇم ، ئەسلى بۇ چاشقاننى ئۆلتۇرۋېتىشنى ئويلىغان ئىدىم كېيىن ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بىر ئامال تاپتىم ، ئۇ چاشقانغا «فىنەككىيۇ »دەپ ئىسىم قويۇپ قويدۇم ، بۇنداق بولغاندا ئۇ ماڭا يات تۇيۇلمايتى ..ئويلاپ قالدىم بۇ سۇ چاشقىنى مۇشۇكتىن قورققامدىغاندۇ …ئەلۋەتتە چاشقان بولغاندىن كېيىن قورقسا كېرەك ، «مۇشۇكتىن قورققامدىغاندۇ » دېگەننى ئويلاپ يەنە خىيالغا چۆكتۇم ،
شۇنداق قىلىپ بايراق قوغداش جېڭى ئاخىرلاشقانمۇ بولدى ، لېكىن ئادىلەنىڭ «ئەمدى بۇ يەردە ئۆرە تۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ » دېگەن گېپى بىلەن قوتۇلغىنىمغا ھەيرانمەن ..
سىنىپقا كىرىپ ئۇچۇن ئوقۇش بىناسى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، سىنىپنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئاستا قۇلىقىمنى ئىشىككە يېقىپ نېمە دەرىس ئۆتىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولدۇم ..
« سىرىلغۇچ كۇچى ، بېسىم ئاشۇرۇش ، مەنپى – مۇسپەت» ئىككى مىنۇتلۇق ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىغىنىم مۇشۇ ئۇچۇرلار ئىدى ،،
ئارقىمغا ئۆرۇلۇپ مەكرەپتىن چىقىپ كېتىش ئۇچۇن، مەيدان ئارقىدىكى ھېلىقى پاكار تام تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ،،
ئەسلى مەكتەپتىن چىقىپ تورخانىغا بارماقچى ئىدىم ، لېكىن تورخانىغا بېرىشتىن يالتىيىپ قالدىم ،،نىشانىمنى ئۆزگەرتىپ، رەستە بازار تەرەپتىكى ئىتتىپاق كۆۋرىكىگە قاراپ ماڭدىم .كۆۋرۇككە چىقىپ پەسكە قارىسام ئۇششاق بالىلار سۇغا چۆمۇلمەكتە ئىدى …قاياقتىن كەلگەن بىر كۇچ ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى ،
« ھەي بىچارە بايقۇش ، سەن نېمانچە ئەخمەق ، ئادىلە سېنى بىر تۇنۇشى دەپلا بىلىدۇ ، ئارتۇق ئويلىما سەن ئۇنىڭڭا ماس كەلمەيسە ،»
دېگەندەك كىيۋالغان كىيىمىمگە قاراپ قويدۇم. تولا يۇيۇپ ئۆڭىپ كەتكەن تەنتەربىيە ئىشتىنى ، ئايىقىمنىڭ ئۇچىدىن پۇتۇمنىڭ باش بارمىقى چىقىپ قالغان ئىدى..
كۆڭلۇم ئۆزۇمگە خىتاپ قىلىۋاتاتتى «ئەگەر مېنىڭ پۇلۇم بولسىچۇ » .. شۇنى ئويلاپ قانداقلا بولمىسا پۇل تاپماقچى بولدۇم …
نېمىش قىلىش كېرەك ؟ سودا قىلاي دېسەم دەسمى يوق ، دەسمى بولسىمۇ سودا قىلىشقا ئېپىم يوق ، مېنىڭچە كومپىيوتۇردىن پۇل تېپىش ئاسانراق دېگەننى ئويلاپ قالدىم ، ھەقىقەتەن بىر توربەتنىڭ بەت سېستىمىسىنى چۇشۇرۇپ باشقىلارغا ئەڭ ئەرزان دېگەندە 200 يۇەندىن تۆۋەن ساتمىسام ، بىر ئايدا 20 توربەتنىڭ بەت سېستىمىسى ، ئەزالار ئۇچۇرى ، مەخپى نۇمۇرىنى يىغالىسام ، كام دېگەندە 5000 يۇەن كىرىم قىلالايتىم ، مۇشۇلارنى ئويلاپ ئۆزۇمنىڭ تاپقان ئەقلىگە ئاپىرىن ئوقۇپ قويدۇم ،
ئىشنى بۇگۇندىن باشلاشنى نىيەت قىلىپ ئۇدۇل تورخانىغا قاتىراپ يۇرۇپ كەتتىم ، تەخمىنەن 3 سائەتلەر ئەتراپىدا بىر توربەتكە ھۇجۇم قىلىپ باش بېتىگە جۇڭگۇنىڭ قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى قاداپ قويدۇم . ھەم بەت سېستىمىسى بىلەن ئەزالار ئۇچۇرىنى كومپىيوتۇرغا چۇشۇرۇشكە باشلىدىم ، كېلىشىپ قويغۇنۇم بويىنچە بىر يولداشقا ساتماقچى بولدۇم ، لېكىن ئۇنىڭ ئالىدىغىننى پەقەت «ياغاچ ئات (shell)» ئىدى ، بېكەت تۇرۇشلۇق مۇلازىمىتىرنى تەكشۇردۇم ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مۇلازىمىتىر بىر چوڭ ھويلا ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بېكەتلار شۇ ھويلىدا تۇرۇشلۇق ئائىلىگە ئوخشايدۇ ، تەلىيىم كەلدىمۇ ، بۇ مۇلازىمىتىر ئامرىكىنىڭ بولغاچقا بىراقلا 44 تال توربەت بار ئىدى ، مۇلازىمىتىرغا بۆسۇپ كىررىپ ھەممىسىگە ياغاچ ئات چىقاردىم ، بىر تال ياغاچ ئاتنى 20 يۇەندىن ھېسابلاپ 44 بېكەتنى 880 يۇەنگە ئوڭۇشلۇق ساتتىم ، سودىنى پۇتتۇرۇپ پۇلنى بانكا كارتامغا ئۇرغان – ئۇرمىغانلىقىنى تەكشۇرۇش ئۇچۇن تورخانا ئارقا ئىشىكىدىن يەرگە قاراپ چىقىپ كەتتىم ، يېشىم كىچىك بولغىنى بىلەن تور قانۇنىنى خېلە ئوبدان بىلەتتىم ، بىر توربەتكە قانۇنسىز ھۇجۇم قىلسا كام دېگەندە بىر ئاي سولاقتا تۇراتتى .. لېكىن پۇلنى ئويلاپ ئىچ ئىچىمدىن خوشال بولۇشقا باشلىدىم ، دېگەندەك پۇل كارتامغا كىرىپتۇ ، ئاستا 200 يۇەن پۇلنى ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىن چىقاردىم ، كىيىم ئېلىشنى ئويلاپ بازارغا تەرەپكە بۇرۇلدۇميۇ . لېكىن سائەتنىڭ ئاللىبۇرۇن مەكتەپ باللىرىنى قويۇپ بېرىدىغان ۋاقىت بولۇپ كەتكىنىگە قاراپ مەكتەپ تەرەپكە قاراپ ماڭدىم ، بەلكىم تەغدىر پىشانە دېگەن شۇ بولسا كېرەك مېنىڭ مەكتەپ ئالدىغا كېلىشىم ، ئادىلە سومكىسىنى ئېسىپ قاياقلارغىدۇر قاراپ خىيال بىلەن كېتىپ باراتتى ، ، چاققانلا ماگزىنغا يۇگۇردۇم ، سېغىزدىن ئىككىنى ئېلىپ ئادىلەنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ ماڭدىم . چاقىرىشنى ئويلاشتىم لېكىن نېمە دەيمەن ، قەدىمىمنى تېزلىتىپ بۇ ئاشىقىمغىمۇ يېتىشىۋالدىم ،
«خالىسىڭىز سىزنى ئاپىرىپ قوياي» – دېدىم شۇنداق سىللىق سىپايىلىك بىلەن .
بولماسمىكى ،ئويدىكىلەر كۆرۇپ قالسا سەت بولىدۇ – دېدىن ئادىلە يەرگە قارىغاچ ….ھەي ھەممە قىز بالا مۇشۇنداق يالغان تارتىنچاق بولىۋالامدىغاندۇ ،
بولىدى لېكىن پەقەت بىر قېتىملا ،- دېدى ئادىلە ..
شۇ ھامان ھېلىقى ئىككى سېغىزدىن بىرنى ئۇنىڭڭا تەڭلىدىم .
مىيقىدا كۇلۇپ قويۇپ سېغىزنى ئالدى …
بىر قېتىم بولدىمۇ ، ئىككىنجى . ھەم ئۇچىنجى قېتىمىمۇ بولىدۇ دېدىم ئىچىمدە ….
يولدا بىر بىرىمىزگە گەپ قىلىشتىن خىجىل بولۇپ كېتىپ باراتتۇق ، ..يولدا كېتىپ بارغان بىر جۇپ .ئاشىق مەشۇقنى كۆرسۇتۇپ گەپ باشلىدىم ،
– ئۇلار نېمەنداق رومانتىك ، ئادىلە قاراڭە ، ئاۋۇ قىز بالا بەك قېلىن ئىكەن ، ئىزا تاتماي ئوغۇل بالىنى قولتۇقلىۋاپتۇ ،
– ياق ، ياق ، چوقۇم ئوغۇل بالا شۇنداق قىلىشقا بويرىغان گەپ .
– ئوغۇل بالا بۇيرىسىلا شۇنداق قىلامدا ،
– بەلكىم ئۇ قىز ئوغۇل بالىنى ياخشى كۆرسە كېرەك … ئۆيۇمگىمۇ كېلىپ قالدىم -دېدى ئادىلە روھسىز ھالەتتە
ئۆيىڭىزنى كۆرۇۋالسام بولامدۇ . -دېدىم ئۇنىڭ كۆزىگە قاراپ ..
ئاۋۇ – دېدى ئادىلە قولىدا ئىككى قەۋەت سېلىنغان ھەيۋەت بىر داچىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ .
ھە ھە- ئەمسە خوش ، ئەتە ئەتىگەن سىزنى ئالغىلى كېلىمەن ، – دېدىم ئۇنىڭ ماقۇل دېگەن جاۋابىنىمۇ كۇتمەي .يۇگۇرۇپ كېتىپ قالدىم ،
بۇگۇن كېچىمۇ يامان ئەمەس سودا قىلدىم 500 يۇەن ئەتراپىدا پۇل تاپقان ئىدىم ، بەلكىم ھەممىڭلار دېگەندەك «خاككىر »دېگەن بۇ ئۇقۇمنى «بۇزۇش، ھۇجۇم قىلىش » ، دەپ چۇشۇنىشىڭلار مۇمكىن ، بىر ئېغىز گەپ ، ئادەم ئوخشاش ئەمەس ، سىزمۇ ، مەنمۇ ، ئۇمۇ شۇ ..
«قۇم باسقان شەھەر» رومانىدا ، ئاكا – ئۇكىلارنىڭ بىر تەڭگە ئالتۇننى تالىشىپ ئۈچى ئۇچ يولغا بۆلۇنگەنلىكى ، ئاخىردا ھەممىسىنىڭ يالىغاچ ھالەتتە قېلىپ قالغانلىقى سۆزلىنىپتىكەن .. بۇيەردە دەيدىغىنىم ھەممە ئادەم نىيتىغا يارىشا كۇن كۆرىدۇ ..بىر كېچە تورخانىدا ئوخلىيالمىدىم ، قانداقتۇر ئۇرۇنداقنىڭ قاتتىقلىقى ، ياكى تورخانىنىڭ ۋاراق چۇرۇڭلىقى ئەمەس بەلكى ئادىلە كاللامغا كىرىۋالغان ئىدى ، ئۇنى ياخشى كۆرۇپ قالدىممۇ قالدىن ، تورخانىدا ئويۇن ئويناپ باقىمەن ، لېكىن يەنە قاياقلاردىندۇر ئادىلە كاللامغا كېلىپ قالاتتى ،
قېرىشقاندەك بۇگۇن بوران چىقىپ ھەممە توپا چاڭدا قالغان ئىدى ، ئادىلەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىشىم ، ئۇ ئاشىقىم ئۆيىدىن چىقىپلا بىر قاپقارا ھەيۋەت ماشىنىغا چىقىپ كېتىپ قالدى ،،، ئاستا ماشىنا ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم..ئىچىم ئاچچىق بولىشقا باشلىدى ، ھەي بولدىلا ئۆزۇم ئارتۇق ئويلىۋالغاندىمەن ، ئۇ مېنى پەقەت بىر مەكتەپتە ئوقۇيدىغان دوستى قاتارىدا كۆرەر بەلكىم ، توۋا بىر قىزنى بۇنداق ئىتتىك ياخشى كۆرۇپ قالغىنىمغا ھەيرانمەن ، ئۇنى قاچان كۆردۇم ، شۇچاغدىن باشلاپ ئۇيقۇدىن بىدار ئۆتتۇم ..
ئەتتىگەندىلا چىۋىن يەۋالغاندەك مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم ، بۇگۇن بىر كۇن شۇنداق تەستە ئۆتتى ،مەكتەپ باللىرىنى قويۇپ بېرىشىگە ئادىلەنى ساقلاشمۇ خوش ياخماي تورخانىغا كىردىم ،
چۇنكى بۇگۇن مېنىڭ ئوغۇللۇق ئىززىتىم ، ھۆرمىتىم ، غۇرۇرۇم دەپسەندە قىلىنغاندەك ھېس قىلدىم ، تورخانىدا ئولتۇرۇپ 10مىنوت ئەتراپىدا بولسا كېرەك ، ئادىلە كىرىپ كەلدى ، ئۇدۇل كېلىپ مېنىڭ يېنىمدىكى ئورۇندا ئولتۇردى ، مەن كۆرمەسكە سېلىپ ناخشا ئاۋازنى يۇقۇرى كۆتۇرگەچ تىڭشىغۇچنى قولىقۇمغا تىقتىم ..
ئەرپات مەن مەكتەپ ئالمىشىدىغان ئوخشايمەن. – دېدى ئادىلا بوشقىنە .
تىڭشىغۇچتىن چىقىۋاتقان ناخشا خېلە ئۇنلۇك بولسىمۇ ، بۇ گەپنى خېلە ئۇنلۇق ئاڭلىغان ئىدىم ،
ياخشى بوپتىغۇ – دېدىم مەنسىتمىگەندەك ئۇنىڭغا قاراپ،
بۇ گەپنى دېدىمغۇ ،لېكىن ئۆزۈمنىڭ قانچىلىك ئاچچىق يۇتكەنلىكىمنى بىر ئۆزۇم ئۇقىمەن .
بەلكىم تەغدىر دېگەن مۇشۇنداق بولسا كېرەك .. بۇنداق ۋاقىتتا ئادەم ئۆز كەيپىياتىنى سۆزلەشكە ئاجىز ئىكەن ..
شۇڭا بىردەم پاراڭلىشىپ كەلسەك بولارمۇ ، – دېدى ئادىلە يۇزلىرى قىزارغان ھالەتتە يەرگە قاراپ .
ئەلۋەتتە – دېدىم قولىقىمدىكى تىڭشۇغۇچنى ئۇستەل ئۇستىگە قويغاچ ،
ئىككىمىز قوساق تويغۇزۇشنى مەخسەت قىلىپ مەكتەپ يېنىدىكى بىر «كالا گۇشى ئۇگرىخانىسىغا » كىردۇق ، تاماق چىققۇچى ئارىمىزدا بىر ئېغىز گەپ بولمىدى ،
ئەسلى ئۇنىڭدىن ، ھېلىقى بايراق قوغداش جېڭى، ۋە ئائىلە ئەھۋالى توغۇرلۇق گەپ سورىماقچى ئىدىم ،لېكىن ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم ، ئۇچۇق قىلىپ ئىيتقاندا كۆڭلۇم كۆتەرمىدى ،
شۇنداق قىلىپ قوساقمۇ تويغان بولدى ، مېنىڭ مەھەللەم تەرەپتە بىر كىچىك ئورمانلىق بولىدىغان ، يېنىدا تېخى بىر كىچىك ئېقىن مۇ بار ، شۇلارنى دېگەچ ئۇنىڭڭا بېرىپ كېلەلدۇق دېگەندەك قاراپ قويدۇم ، ئۇمۇ قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۇردى ،،
شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ گۇزەل مەھەللە سايباغ تەرەپكە قاراپ ماڭدۇق ، ئورمانلىقتىن ئۆتۇپ كىچىن ئېقىننىڭ يېنىغا كېلىپ مۇشۇيەردە ئولتۇرۇشنى دېيىشىتۇق ، چاپىنىپنى تەتۇر ئۆرۇپ يەرگە سالدىم ،مۇشۇ ۋاقىتتا مېنىڭ چاپىنىمنى ئىشلەپ چىقارغان زاۋۇتقا ئاپىرىن ئوقۇشقا باشلىدىم ، چۇنكى بۇ چاپاندا ئىككى ئادام قىستىلىشىپ ئاران ئولتۇرالايتى ، خوش بولغىنىممۇ بىكارغا كەتتى ، ئادىلە مەن بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا ئۇنىماي ئۆرە تۇرۇۋالدى ، ئامال يوق ، ئۇنىڭڭا چاپاننى بوشۇتۇپ بېرىپ مەن كاسسامنى يەرگە چاپلاپلا ئولتۇردۇم ، ، تۇيۇقسىز قاياقدىندۇر بىر مۇشۇك چىقىپ كەلدى ، بەلكىم سۇ ئىچكىلى كەلگەن بولسا كېرەك ، ئادىلەمۇشۇكنى كۆرۇپ ”ئاپامممممممم“ ، دېگەئىنىچە مېنى قوچاقلىۋالدى، ئۇنىڭ بەدىنىدىن بىرخىل ئىسسىق ھارارەت كېلىشكە باشلىدى ، مەنمۇ ئاستا ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم .
– ئەرافات ، نېمە قىلۋاتىسەن ، مېنى قويىۋەت، بولمىسا ۋاقىرايمەن ،
– ئادىلە سەن ۋارقارساڭ بايامقى مۇشۇك يەنە كەلمىسۇن ، سېنى ياخشى كۆرۇمەن ئادىلە ،
– ئىشقىلىپ مېنى قويىۋەت ، بۇنداق قىلساڭ قانداق بولىدۇ ،
– ۋارقىرا ، پۇتۇن ئاۋازىڭ بىلەن ۋارقىرا ،…. توۋا كىنولاردىن ئۆگۇنىۋالغان بۇگەپنىڭ ئەسقاتىدىغانلىقىنى كاللامغىمۇ كەلتۇرپ باقمىغان ئىدىم .
-ئادىلە ، سېنى ياخشى كۆرۇمەن .سېنى سۇيۇمەن ئادىلە .
مەنمۇ ….. ،- دېدى ئادىلە بىر ئېغىز گەپتىن باشقا گەپنى قىلماي ..
ئاستا ئادىلەنىڭ قولىنى قويۇپ بېرىپ ئىككى يۇزىنى تۇتتۇم ، شۇنداق شېرىن سۆيدۇمكى ، بۇ بىرجۇپ سەبىلەرنىڭ سۆيگۇسى ، بۇ بىرجۇپ مۇھەببەتنى چۇشەنمەيدىغانلارنى سۆيگۇسى ، بۇ بىرجۇپ كۆڭۇل ئىزھار قىلىپ باقمىغان ئاشىقلارنى سۆيگۇسى ، مەشۇقلارنىڭ سۆيگۇسى ، ئايرىلىشقا چىدىماي ، ئەدەپ- ئەخلاق ، ھايانى ، تۇنجى سۆيۇشنىڭ تەمىنى تېتىۋاتقانلارنىڭ سۆيگۇسى ..
ھىسيات ئادەمنى نېمىلەرنى قىلدۇرمىغان دەيسىلار ، «كۆمۇرچى بالا» رومانىدا ھىسيات سەۋەبىدىن ساراينىڭ ئايال خوجايىنى ئەر مالاي بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ يۇرۇيدىغۇ ،،
5 مۇنۇتلۇق ھېسىيارنى دەپ بالدۇر پىشمىغان مېۋىگە ئېغىز تېگىپ قويدۇم …….بۇ بىر ئەركەكنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ئىدى ،لېكىن ….
– ئېليار مەن كەتسەم مېنى ساقلامسەن .
– ئەلۋەتتە ئادىلە ، سېنىڭ كېلىشىڭنى ساقلايمەن .
ۋاقىتنىڭ خېلە بوپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ قايىتماقچى بولدۇم …
ئەراپات ، بۇ خەتنى مەن كەتكەندىن كېيىن ئوقۇ .. – دېدى ئۇ ئادىلە خەتنى بېرىپ ئىتتىكلا بېشىنى ئۇرۇپ كېتىپ قالدى ..
ئۆيگە قايتىش خوش ياخماي ، تورخانا تەرەپكا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ،،

3-قىسىم تۇگىدى
______________________________________________

ھىكايىنىڭ داۋامى بۇ سالۇندا تارقىتىلدى



بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم