تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹17 - قىسىم ››

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 1344|ئىنكاس: 3

59

تېما

1071

بايلىق

1266

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1266
QQ
خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹17 - قىسىم ››

كۇچانىڭ قىش پەسلى ئىنتايىن ئۇزۇن ، بەكلا سوغۇق ، قىشنى ئۆيدىن چىقماي ئۆتكۇزىمەن دېيىش قۇرۇق خام خىيال ، 12- ئاي كىرىپ قېلىپ كۇچادا بىرەر قېتىم تۇزۇك قار ياغمىغانلىقى سەۋەپتىنمۇ ، كۆپ قىسىمى دەل - دەرەخكە تولغان بۇ شەھەر بىر قاراشتىن چۆلدەرەپ قالغاندەك كۆرۇنەتتى ، ئاپام شۇنداق دەيدىغان ، ھەر بىر ئادەمنىڭ بىر ھېكايىسى بولىدۇ دەپ .. ھېكايە خوشاللىق بىلەن باشلانغان بولسا خوشاللىق بىلەن ،قايغۇلۇق بىلەن باشلانغان بولسا قايغۇلۇق بىلەن ئاخىرلىشىدۇ دەپ باشلاپتۇ ئاپتۇر ھېكايىنى ...
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تارماق شىركىتىنىڭ تاپقان يۇچۇقنى داۋاملىق ئىچكىرلاپ تەكشۇردۇم ، داڭلىق توربەت بىخەتەرلىك تەكشۇرۇش قوراللىرى بولغان jskysqlmapmetasploitburpsuite قاتارلىق يەرشارى خارەكتىرلىك كۇچلۇك دېتاللار بىلەن يۇچۇق تەكشۇرۇشكە باشلىدىم ، لېكىن قانداقلا قىلسام مۇلازىمىتىرغا قاچىلانغا ۋېروس تازلىغۇچچىن ئەگىپ ئۆتەلمىدىم ، بۇ يۇچۇقتىن كىرىش ھەقىقەتەن تەس توختىدى ، لېكىن مۇشۇ يۇچۇقتىن كىرىپ كەتسەملا ، پۇتۇن شىنجاڭدىكى بىرلاشمە خەۋەرلىشىشنىڭ كارتىللىرغا ھەقسىز قانچىلىك دېسەم شۇنچىلىك پۇل قاچىلغىلى بۇلاتتى ، بىر كېچە تەكشۇرۇش ئارقىلىپ بۇ يۇچۇقنىڭ پەقەت كىچىل بولغان sql يۇچۇقى ئىكەنلىكى ، باشقا ئالاھىدە ئارتۇقچىلىقى يوقلىقىنى بىلىپ بىۋاستا مۇلازىمىتىرگە ھۇجۇم قىلىشنى ئويلىدىم ، ھەمدە پۇتۇن خاككىرلار ياخشى كۆرۇپ ئىشلىتىدىغان blacktrak سېستى
مىسىنى مەۋھۇم كومپىيوتۇر قۇرۇپ قاچىلاشقا باشلىدىم ..... سېستىمىمۇ قاچىلىنىپ بولدى ، مەنمۇ دەرھال ھەركەتكە كېلىپ ، بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ توربېكىتىدىكى يۇچۇقنى ، داڭلىق توربەت يۇچۇق تەكشۇرۇش قورالى بولغان sqlmap ئارقىلىق ئاسانلا بېكەت مەسئۇلىنىڭ ئىسىم ۋە پارولىنى يېشىۋەتتىم ،
ئارقا باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرەي دەپ تۇرۇشۇم ،، ئادىلەدىن تېلفۇن كەلدى..
- ئەرافات ، ئازراق چاتاق چىقىپ قالدى ، شىركەتكە كېلىپ كەتسەڭ ..
- بولىدۇ ..
قىززىق ئىش ئادىلە ماڭا ئەزەلدىن شىركەتكە كەل دەپ تېلفۇن قىلمايتى ، تاكسىدىن چۇشۇپ ئۇدۇم ئادىلەنىڭ ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭدىم ، ئادىلە بولسا ئىشخانىسىدا بېشىنى قاماللىغىنىچە ئولتۇراتتى ، بېرىپ ئادىلەنى يېنىك قۇچاقلىدىم ھەمدە ،  
- نېمىش بولدى ، نېمىگە بۇنچە غەمكىن ئولتۇرۇپ كەتتىڭ ..
-بۇگۇن ئەتىگەندىن باشلاپ مەشۇقۇم تور بوشلۇقىدىن بوشلۇق سېتىۋالغانلارنىڭ بېكىتى ئېچىلماپتۇ ، تەكشۇرۇشىمىزچە ، بېكەتلەرنىڭ ھەممىسى ھۇجۇمغا ئۇچىراپتۇ ، بېكەت ئىگىرللىرى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىقدىسادىي زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلۋاتىدۇ .
- قانچىلىك پۇل تۆلەپ بەرگىدەكسەن .
- ھېساپلىشىمىزچە 100 مىڭدىن ئارتۇق ..
- نىمانداق كۆپ ،  
- مەشۇقۇم تورى بوشلىقىدىن بوشلۇق ئالغانلارنىڭ ھەممىسى ، دىيارىمىزدىكى داڭلىق بېكەتلەر ...
- ئەمسە مۇنداق قىلايلى ، سەن داڭلىق توربەتلەردىن بىر قانچىسىگە بىرتال ماقالە ئېلان قىل ، بوشلۇقنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچىراش سەۋەبىنى توربەتكە ئارتىپ قويايلى ، مەسىلەن بىرەر بېكەت بىر خاككىرنىڭ چىشىغا تىگىپ قويۇپتۇ دەپ ، ئاندىن ھەر بىر بېكەت مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، ھۇجۇمدىن ساقلانغۇچنى يېرىم باھادا بەرسەك بولىدۇ ، ئاندىن پەقەت ئىقدىسادىي تۆلەم تەلەپ قىلغان بېكەت باشلىقلىرغا قارىتا سىتاستىكا ئېلىپ بېرىپ قانچىلىك ئادەم ئازلاپ كەتكىننى تەكشۇرۇپ ، مەشۇقۇم تورىدىن ئازراق ئېلان ئورنى ئاجرىتىپ ھەقسىز بىرەر ئاي تەشۋىق قىلىپ قويساقلا بولمىدىمۇ...
ئادىلە مەڭزىمگە يېنىك بىرنى سۆيۇپ قويۇپ ، ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى ،
ھايال ئۆتمەي يېنىمغا كىرىپ كەلدى ھەم
- ھېلىقى يۇچۇقنى ئەمدى تەكشۇرمە ، دادامنى ئايال كاتىۋى ھەممىنى ئىقرار قىپتۇ ، ھازىر يىغىن ئاچماقچى ئىدىم ، سەن قايتقاچ تۇرساڭمۇ ، ياكى يىغىنغا قاتناشساڭمۇ مەيلى ،  
- ھە ، مەن قايىتقاچ تۇراي ..
سىرىتقا چىقىپ ، قاياققا بېرىشنى بىلەلمەي قالدىم ، مەنزىلسىز مېڭىپ ئىختىيارسىز ھالدا تورخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتىمەن ، بۇ تورخانا دەل مەن مەكتەپتىن قېچىپ كىرگەن تورخانا ئىدى ، بۇ تورخانىدا ، ئادىلە ، خانقىز ، ئېليار نىڭ ئەسلىمىللىرى بار ئىدى ، كۆڭلۇم بۇزۇلۇپ تورخانىدىن رايىم يېنىپ يېقىن ئەتراپتىن قاۋاق ئىزدەپ ماڭدىم ، ئېليارغا تېلفۇن قىلسام تېلفۇنى ئېتىك ، راس دېگەندەك ئېليار ھەقىقەتەن بۇ شەھەردىن كەتكەندەك تۇراتتى ، كىمگە تېلفۇن قىلىشىمنى بىلمەي ، نۇربىيەگە تېلفۇن قىلدىم  
- ۋەي ، كۇن قاياقتىن چىقتى ، ھەجەپ تېلفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ ،  
- نىمىش قىلۋاتىسەن ، ھاراق ئىچىپ كېلەيلىمىكى دەپ شۇ ..
- ئادىلە ھازىر يىغىن ئېچىلدۇ دەپ كىرىپ كەتكەن ، شۇ يىغىنغا تەييارلىق قىلىپ ..
- مەن جەنۇبى بىرىنجى ماي يۇلىدىكى ، كورىيە قاۋاقخانىسىدا ، ئىتتىك كەل .. ئۇنىڭ گېپىنى ساقلاپ تۇرمايلا تېلفۇننى قويىۋەتتىم ، ئۇ چۇقۇم كېلەتتى ، دېگەندەك ھايال ئۆتمەي ئۇمۇ كىرىپ كەلدى ، مەن ئايرىمخانىغا ئۇنى باشلاپ بولغاندىن كېيىن ، نېمە ئىچىمىز دېگەندەك ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم ،  
- ئىختىيار بۇگۇن سېنىڭ دېگىنىڭدەك بوسۇن ...
ئۇنىڭ گېپىدىن كېيىن مەن چاقىرغاندىمۇ چىق دېگەن مەنا چىقىپ تۇراتتى ، سۇس كۇلۇمسىرەپ قويۇپ ئىككى بوتولكا <ئىلى قەدىمى ھارىقى>دىن ئەكىردىم ...
ئىككىمىز ئۇنتىنسىز ھاراق ئىچىۋاتىمىز ، پات-پات بىر بىرىمىزنىڭ كۆزىگە قارىشىپ قۇياتتۇق ، نۇربىيەنى كۆرسەملا نازىلەنى كۆرگەندەك خوشال بۇلاتتم ،
جىمجىتلىقنى بۇزۇپ مەن سۆز باشلىدىم ..
- ئېليار بىلەن ئالاقىلاشتىڭمۇ ..
- ياق ،  
- نېمىشقا .
- نېمە نېمىشقا ، شۇ ئالاقىلاشقىم كەلمىدى ..
- ئۇ سېنى ياخشى كۆرىدىغۇ ...
- ئەمسە مەنمۇ سېنى ياخشى كۆرىمەنغۇ ...
دەيدىغان گەپ تامالمىدىم ، تاماكىدىن بىرتال تۇتاشتۇرۇپ ، چېكىشكە باشلىدىم ھەم گېپىمنىڭ ئاخىرىنى قىلدىم ...
- مېنىڭ ئايالىم بار ، مەن ياخشى كۆرىدىغان ، مەن ئۇچۇن ئۆزىنى قۇربان قىلالايدىغان ھالال جۇپتۇم بار نۇربىيە ، نىمانداق ئادەم قىينايسە.. ئېھتىمال ، بايامتىندىن ياقى ئىچكەن بىر بوتولكا ئاق ھاراقنىڭ كۇچىمۇ ، نۇربىيە مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلاپ،
- مەنمۇ قۇربان قىلالايمەن ..
دېدى نۇربىيە يېنىدىن كىچىك قەلەمتۇراشنى چىقىرىپ ، بېغىشىنى كۇچەپ كەستى ، ئۇنىڭ قۇلىدىن چىققان قانغا قاراپ مەن قورقۇپ كەتتىم ،
قاراشتىن نۇربىيەنىڭ تۇمۇرى كېسىلىپ كەتكەندەك قىلاتتى ...
خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ كامىرغا نەزەر سالدىم ، كامىر ئالاھىدە سوغۇق ئىدى ، تۇيۇقسىز كامىرنىڭ ئىشىكى ئېچىلىپ بىر مەھبۇس كىرىپ كەلدى ،
ئادەتتىكىدەك ئارىمىزدىن بىرسى گەپ باشلىدى ،..
- ھوي دەلتى ، نېمە دەپ كىردىڭ ..
- شۇشۇ ، ئاكىلا ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالدىم  
- ھېي كۆت ، خەقنىڭ يانچۇقىدا ئاناڭنىڭ ھەققى بارمىتى ، ئېيتە نىمىش بولغان ئىدى ..
- شۇ بىر كۇنى ئەتىگەن ئورنۇمدىن تۇرسام بەكلا زۇكام بوپلۇپ قاپتىمەن ، شۇنىڭ بىلەن مەھەللىمىدىكى راڭپىزاخانىدىن قانغۇدەك لوبو سەي يېدىم ، دېگەندەك كەش كىرگىچە خېلە ئوبدان ئوڭشىلىپ قالدىم ، يېرىم كېچىدە بىر ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا چۇشتۇمدە ، بىردەم ئىزدەپ بىر ئەسكى چەينەكنىڭ ئىچىدىن بىرمۇنچە ئالتۇن ، زىبۇ - زىننەت تېپىۋالدىم ،ئالتۇننى يانچۇققا سېلىپ ئەمدى چىكىتەي دەپ تۇرۇشۇمغا ، مەن يول قويمىغانغا ئۇنماي ئوسۇرۇق چىقىپ كەتتى ، كىم دېگەن بولغىيتى < ئۇسۇرۇق دېگەن يولۋاس ، تۇتۇۋالغىلى بولماس > دەپ ، مەنمۇ چىدىماي مانا ئەمسە دېگىنىمدە قويۇپ بەردىم ، شۇنداق قىلىپ ئۆي ئىگىسى ئويغۇنۇپ كەتتى ، ساقچىلار مېنىڭ يانچۇقۇمدىكى ئالتۇنلارنىڭ قىممىتىنى يېساپلاپ ، مېنى ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۇم قىلدى ...
پۇتۇن كامىردا كۇلكە ئاۋازى ئاڭلاندى ، بۇ مەن تۇنجى قېتىم مۇشۇ كامىردا ئاڭلىغان ئەڭ ھەقىقىي كۇلكە ئىدى ....

17-قىسىم تۈگىدى .


ئەسەرنىڭ داۋامىنى سالۇنىمىزغا كىرىپ ئۇقۇڭ      سالۇن ئىزدەش نامى  《《mesranim》》  ياكى تۈۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سىكاننىرلاپ كىرىڭ



بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x

2

تېما

20

بايلىق

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
26
ۋاقتى: 2019-2-9 23:53:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى ئۇقاي دىگەن لىكىن سالوننى قۇشالمىدىم ياردەم قىلغان بولساڭلار بوپتىكەن رەھمەت

2

تېما

20

بايلىق

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
26
ۋاقتى: 2019-2-9 23:57:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى ئۇقاي دىگەن لىكىن سالوننى قۇشالمىدىم ياردەم قىلغان بولساڭلار بوپتىكەن رەھمەت

8

تېما

60

بايلىق

75

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 2

جۇغلانما
75
ۋاقتى: 2019-2-24 20:49:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشمۇ ئەسەرنىڭ يازغۇچسى بۇ ھىكايدىكى ئىشلار

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم