تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

بۇنى كۆرمەي يىقىنلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا سەتلىشىپ قالماڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 763|ئىنكاس: 0

4

تېما

21

بايلىق

26

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
26
ۋاقتى: 2019-1-25 18:12:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مەنبە  قۇلاي تېخنىكا سالۇنى  ID:qulay01
2018-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نەچچە كۈنىدە ئۈندىدارنىڭ ئاندرويىد نۇسخىسىدىكى 7.0.0 نەشرى ئېلان قىلىندى. بۇ نەشرىدە ئۈندىدارغا يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلار قوشۇلدى، كۆرۈنمە يۈزى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرۈلدى. بۈگۈن سىلەرگە ئۇنىڭ بىر ئالاھىدە ئىقتىدارىنى تونۇشتۇرىمىز، يەنى: ئۇ سىز كۆرگەن مەزمۇنلارنى ئاشكارلاپ قويىدۇ.


ئەسكەرتىش: ئۈندىدارنىڭ 7.0.0 نەشرىگە يېڭىدىن قېتىلغان ياخشى (好看) ئىقتىدارى سىزنىڭ ئۈندىداردىكى زىيارەت خاتىرىڭىزنى ئاشكارلاپ قويىدۇ
يېڭى چىققان بۇ ئۈندىدار نۇسخىسىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدە ئىقتىدارى 好看 ئىقتىدار. يەنى ئۈندىدارنىڭ يېڭى نەشرىدە ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ ئاخىرىدىكى  خو بەلگىسىنى بېسىپ يۈرەك بېرىش، يەنە زەن قىلىش ئىقتىدارى  好看 دېگەن خەتكە ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، بۇ ئىقتىدار سىزنىڭ ۋە دوسىتلىرىڭىزنىڭ ياقتۇرغان مەزمۇنلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشقا يارىدەمدە بولىدۇ.
قارىماققا، ئاددىي بىلىنگەن بۇ ئىقتىدار ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىسىم ياكى بەلگە جەھەتتىكى ئۆزگىرىش ئەمەس. سىز ياخشى بەلگىسىنى باسقاندىن كېيىن، مەزكۇر مەزمۇن سىزنىڭ چەمبىرىكىڭىزدىكى  كۆرۈپ بېقىڭ (看一看) تىزىملىكىدە پەيدا بولىدۇ.

سىز يەنە ياخشى تەۋسىيىلىك تىزىملىكى ئىچىدىن ئۈندىدارىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزدىن كىملەرنىڭ بۇ مەزمۇنغا ياخشى دەپ باھا بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ قالدۇرغان ئىنكاسىنى  كۆرەلەيسىز. باشقىلارمۇ سىز ياقتۇرغان يەنى 好看 بەلگىسىنى باسقان تېمىلارنى ئۆزىنىڭ 看一看 تىزىملىكى ئىچىدىكى 好看 تۈرى ئىچىدىن كۆرەلەيدۇ.



دىمەك، سىز ياخشى كۆرگەن مەزمۇنلارنى باشقىلار كۈرەلەيدۇ، باشقىلار ياخشى كۆرگەن مەزمۇنلارنى سىزمۇ كۈرەلەيسىز. بۇنداق ئۆزگىرىش ئىلگىرىكى «看一看» ئىقتىدارىنى بىردىنلا  كۆپچىلىك ئۆزى ياخشى دەپ قارىغان ماقالىلەرنى بىر بىرىگە تەۋسىيە قىلىدىغان يەنە بىر ئالاقە رايونىغا ئۆزگەرتتى.



ئەمما، بۇ ئىقتىدارنى بەزى ئابونىتلار ياقتۇرمىغان. چۈنكى، سىز مەلۇم تېمىنى ئوقۇش جەريانىدا،好看 بەلگىسىنى باسسىڭىز بۇ ئۇچۇر دوستىڭىزنىڭ ئۈندىدارىنىڭ看一看 تىزىملىكى ئىچىدىكى 好看 ئىچىگە كىرىپ بولىدۇ. ئۇنى دوستىڭىزمۇ كۈرەلەيدۇ دىگەن گەپ!

ئۈندىدارىمىزدا ئوخشىمىغان كەسىپ، ئوخشىمىغان قاتلامدىكى ئادەملەر بار، ناۋادا سىز بولمىغۇر مەزمۇنلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن 好看 دىگەننى باسسىڭىز، سىزنىڭ ساۋاقداشلىرىڭىز، كەسىپداشلىرىڭىز، ئۇرۇق-تۇغقان، دوسىت-بۇرادەرلىرىڭىز، تېخى باشلىقىڭىز ياكى قول ناستىڭىزدىكىلەرمۇ سىزنىڭ نىمىلەرنى زىيارەت قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىپ قالىدۇ دە سىز ئوڭايسىز ئەھۋالدا قېلىشىڭىز مومكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇندىن كىيىن ئۈندىدار ئىشلەتكەندە ئىھتىيات  قىلمىسىڭىز كۆرگەن مەزمۇنلىرىڭىز باشقىلارغا ئاشكارا بولۇپ كىتىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، جەمىيەتنىڭ مۇقۇملىقى ۋە تور مەدەنىيىتىمىزنىڭ ساغلام، پاكىزلىقى ئۈچۈن، ساغلام، پاكىز، ئاكتىپ ئېنىرگىيىلىك مەزمۇنلارنى كۆرۈڭ! شۇندىلا، باشقىلاردىن ئەنسىرەپ يۈرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما، يەڭگىسى بىلەن ئاشنا ئويناش، ئۈگەپ ئاپىسى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش دىگەندەك ئەسەرلەرنى كۆرۈپ، ئۇرۇق-توغقان، دوسىت-بۇرادەر ۋە كەسىپداشلىرىڭىز ئالدىدا شەرمەندە بولماڭ!


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم