تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ئىلان ئورنى

Cتىلىنى تېز ئۆگىنىش(كىرىش سۆز)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆرۈش: 677|ئىنكاس: 1

1

تېما

10

بايلىق

11

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

جۇغلانما
11
1. C تىلىنىڭ تارىخى
C تىلى بېل تەجرىبىخانىسىدىكى Dennis Ritchie 1972.يىلى لاھىيىلىگەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ Ken Thompson بىلەن ھەمكارلىشىپ UNIX مەشغۇلات سېستىمىسنىمۇ لاھىيەلىگەن. C تىلى ھەرگىزمۇ Ritchie نىڭ كاللىسىدا شەكىللەنگەن ئەمەس، بەلكى ئۇ Thompson ئىجاد قىلغان B تىلى ئاساسىدا لاھىيەلەنگەن. C تىلىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخىنى تۆۋەندىكى باسقۇچلاردىن تەشكىل تاپقان دەپ ئايرىش مۇمكىن(تىرناق ئىچىدىكى رەقەم شۇ تىل ئىجاد قىلىنغان يىل ۋاقتىنى ياكى ئىجادچىسىنى بىلدۈرىدۇ):
ALGOL (1960), CPL (1963), BCPL (1963, Martine Richards), B (Ken Thompson), C (Dennis Ritchie).

2. C نىڭ ئالاھىدىلىكى
C تىلى ناھايىتى تېزلا بىر خىل ناھايىتى مۇھىم ھەم شۇنداقلا ناھايىتى مودا بولغان پروگرامما لاھىيىلەش تىلىغا ئايلاندى. چۈنكى كىشىلەر ئۇنى ئىشلىتىشنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ. سىزمۇ C تىلىنى ئۆگەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئالاھىدىلىكلىرى بارلىقىنى بايقايسىز. بىز تۆۋەندە بىر قانچە ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمىز:
(1) C تىلى بىر خىل يۇقىرى ئۈنۈملۈك تىل؛
(2) C لاھىيلىنىشى نۆۋەتتىكى كومپىيۇتېرلاردا بولغان بارلىق ئىقتىدارلارنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرغان؛
(3) C تىلى پروگراممىلىرى ئەپلىك ۋە يۈرۈشۈش سۈرئىتى تېز.
(4) C تىلى ناھايىتى كۈچلۈك ۋە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە قولايلىق. مەسىلەن، ئىشلىتىلىشچانلىقى يۇقىرى، كۆچۈرۈشكە ئەپلىك UNIX مەشغۇلات سىستېمىسى C تىلىدا يېزىلغان، شۇنداقلا، UNIX مەشغۇلات سىستېمىسىدىكى C تىلىدىن باشقا تىللار، مەسىلەن، FORTRAN, APL, PASCAL, LISP, LOGO ۋە BASIC تىللىرىنىڭ ئىجرا بولۇش پروگراممىلىرى بىردەك C تىلىدا يېزىلغان. شۇڭلاشقا، UNIX تا PASCAL تىلىنى ئىشلەتكەندە، ئەڭ ئاخىرىدا C پروگراممىسى يۈرگۈزۈلىدىغان پروگرامما كودىنى ھاسىل قىلىدۇ.
(4) C تىلى ناھايىتى دوستانە، بولۇپ ئۇنىڭ قۇرۇلمىچانلىق ئالاھىدىلىكى ياخشى بولغان پروگرامما تۈزۈش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق.

C تىلى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ سەكسىنىنچى ۋە توقسىنىنچى يىللىرىدىكى ئەڭ مۇھىم تىللارنىڭ بىرى. ئۇ كومپيۇتېر كەسپىي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا ئۆتيۈرەك ھەۋەسكارلار تەرىپىدىن مىكرو كومپيۇتېر ۋە شەخسىلەر كومپيۇتېرىدا ئىشلىتىلمەكتە. سىز بىر يۇمشاق دېتال ئېنژىنېر بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال جاۋاب بېرىشقا تېگىشلىك مەسىلە: «سىز C تىلى پروگراممىسىنى يازالامسىز؟» بولۇشى ئېنىق.

3. C پروگراممىسىنى يۈرگۈزۈش

(1) UNIX پروگراممىسىغا قارىتا:
بىر دانە C پروگراممىسىنى يۈرگۈزۈشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق بولىدۇ؟
تۆۋەندىكى C پروگرامما كودىنى كۆرۈپ بېقىڭ:



  • #include
  • main()
  • {
  • printf("C tili Salam dunya.");
  • }


[color=rgb(51, 102, 153) !important]

ھۆججەت نامى tunji.c ئارقىلىق ئۇنى ساقلايلى، ئاندىن UNIX مۇھىتى ئاستىدا تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى كىرگۈزىمىز:
cc tunji.c
UNIX سىستېمىسىدا كۆرۈنگەن نەتىجە:
C tili Salam dunya
بولىدۇ.

(2) Windows سىستېمىسنى ئىشلەتكۈچى يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرگە نىسبەتەن TurboC2.0 ياكى TurboC3.0 نىڭ ئۆتكۈنچى پروگرامما تەڭشەش يۇمشاق دىتال قىلىپ ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

4. تەۋسىيە
يالغۇز پروگرامما كودىنى ئوقۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، كۆپرەك ئەمەلىي مەشغۇلات ئېلىپ بېرىڭ.
ئۈستىدە مىسال كەلتۈرۈلگەن پروگرامما يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى بىر پروگرامما بولۇپ چوقۇم بىر ھەرپ بىر ھەرپتىن كومپىيۇتىرغا كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىپ سىناپ كۆرۈڭ. پەقەت ئاكتىپ ھالدا بۇ تىلنى كومپىيۇتىردا كۆپرەك ئەمەلىي مەشغۇلات بىلەن ئۆگەنسىڭىز ئۆگېنىش ئۈنۈمىڭىز تېز ۋە چوڭقۇر بولىدۇ.


58

تېما

1063

بايلىق

1257

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

جۇغلانما
1257
QQ
ۋاقتى: 2019-5-6 02:18:04 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىخىمۇ تىرىشىڭ دوستۇم مەشقۇم تورىنى گۇلەندۇرەيلى بىرلىكتە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تەۋسىيە تېمىلار

Copyright   ©2016-2017  مەشۇقۇم تورى   Powered by©Discuz!   ئاپتور : نۇرلان سوفىت ئەپەندىم